- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ماكەي 15-نۆۋەتلىك جۇڭگو غەربىي رايون خەلقئارا كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى
2014.10.27 14:46 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
15-نۆۋەتلىك جۇڭگو غەربىي رايون خەلقئارا كۆرگەزمىسى ھەم 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو غەربىي رايون خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرى 24-ئۆكتەبىر سىچۈەننىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ماكەي ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم باش مەقسەتلىك نۇتۇق سۆزلىدى.
ماكەي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: غەربىي رايون-جۇڭگو ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى ماتورىغا ئايلاندى، غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. بىز غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، غەربىي رايوننىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە پايدىلىق ئېتىبار سىياسەتلىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە رايونلارنى سەرخىل ئورۇنلاشتۇرۇش، تۈزۈلمە مېخانىزمنى يېڭىلاش ۋە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، غەربىي رايون ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىياتىغا تېرىشىپ تۈرتكە بولىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر