- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئېلىمىزنىڭ ئاينى تەكشۈرۈش خىزمىتى تۇنجى قېتىم قايتىش سىناق ئۇچۇرۇش تەجرىبە باسقۇچىغا كىردى
2014.10.24 09:25 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەت مۇداپىئەسى پەن تېخنىكا سانائەت ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 22-ئۆكتەبىر مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئېلىمىزنىڭ ئاينى تەكشۈرۈش خىزمىتى تۇنجى قېتىم قايتىش سىناق ئۇچۇرۇش تەجرىبە باسقۇچىغا كىردى، ئۇچۇش سىنىقى ماشىنىسى 24-ئۆكتەبىردىن 26-ئۆكتەبىرگىچە شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ.
بۇ باياناتچىنىڭ ئېيتىشىچە، 2013-يىلى 12-ئايدا ئاي پەرىسى 3-نومۇرلۇقلۇق ئالەم كېمىسى ۋەزىپىسىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئايلىنىش، قونۇش، قايتىشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچلۇق تەرەققىيات پىلانىنىڭ 3-باسقۇچىغا كىرگەن، 2017-يىلىنىڭ ئالدى كەينىدە ئاي پەرىسى 5-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ، ئادەمسىز ئاپتوماتىك قايتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر