باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جەمئىيەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

2014.10.24 09:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئېلىمىز جەمئىيىتىدە بىر قاتار خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر بولدى، مەن سۆزلىسەم سەن ئاڭلا دەيدىغان باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشتىن ، ئادەمنى ئاساس قىلغان مۇلازىمەتكە ئەھمىيەت بېرىشتەك نۇقتىئىنەزەر كۈچەيتىلدى؛ ھەممىنى ئۆزى قىلىشتىن جەمئىيەت ماسلىشىشتەك ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش كەيپىياتى شەكىللەنمەكتە. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلان، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىلغان تەدبىرلەر كەينى-كەينىدىن بارلىققا كەلدى.

  پۇقرالارنىڭ ئىش بېجىرىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن سىچۈەن ئۆلكىسى لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى شىچاڭ شەھىرىدە ھۆكۈمەت خەلق ئۈچۈن ئىش بېجىرىش تىزىملىكى چىقىرىپ، خەلق تۇرمۇشى تەلىپى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار، نامرات ئاممىنىڭ ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلار بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈپ، چەكلىك ۋاقىتتا بېجىرىلدى. خۇبېي ئۆلكىسى يېزىلارنى تورلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇرنى يېزىلارغا يەتكۈزۈپ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، باشقۇرۇش بىلەن مۇلازىمەتكە تەڭ ئېتىبار بېرىشىنى قول تىقىش نۇقتىسى قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئىش بېجىرىشتە كەنتتىن چىقماسلىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  قانۇنغا ئەمەل قىلىپ، مېخانىزمدىن پايدىلىنىپ زىددىيەت كېلىپ چىقىشنىىڭ ئالدى ئېلىپ، تۈرلۈك مەسىلىلەرنى قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلىش-پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى يەنە بىر گەۋدىلىك ئالاھىدىلىك. بۇ يىل 3-ئايدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى " قانۇنغا، ئەرزىيەتكە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر"نى ئېلان قىلىپ، ئەرز تۈزۈمىنى زور دەرىجىدە ئىسلاھ قىلىش يۆنىلىشى ۋە يولىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ئەرز قىلىشتا قانۇنغا ئىشەنمەسلىك، ئەرزنى قانۇندىن ئۈستۈن قويۇشقا بارغانچە بازار قالمىدى. بارلىق ئىشلار قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش يولىغا مېڭىش- ھەم پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىنى مۇۋاپىق قوغداش پىرىنسىپى، ھەمدە ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ھۆكۈمەتلەرنىڭ زىددىيەت، ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۆلچىمى.

  ئىدارە قىلىشنىڭ يولى بار، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چېكى يوق. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىشلىرىدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكىدىكى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى قاتنىشىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە شەكلىدىن پايدىلىنىش، سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئۇنىۋېرسال تىزگىنلەش ئىدارە قىلىش ، مەنبەسىنى ئىدارە قىلىش گەۋدىلەندۈرۈلدى. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشانىغا قاراپ زور قەدەم تاشلاندى، بىز ھاياتى كۈچكە تولغان مۇقىم تەرتىپلىك بولغان ئىناق ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنى كۈتۈۋالدۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر