- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىلىمىز يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھى 22-نومۇرنى قويۇپ بەردى
2014.10.24 09:06 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
20-ئۆكتەبىر سائەت 14دىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە، ئىلىمىز تەييۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە ئۇزۇن سەپەر تۆتىنچى نومۇرلۇقc توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھى 22-نومۇرنى بوشلۇققا مۇۋەپپىقىيەتلىك چىقاردى.
يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھى 22-نومۇر ئاساسلىقى ئىلمىي تەجرىبە، دۆلەت زېمىنى بايلىقىنى تەكشۈرۈش، زىيارەتلەرنى باھالاش ھەمدە ئاپەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۇزۇن سەپەر ناملىق يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتانىڭ 195-قېتىم ئۇچۇشى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر