- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاسىيا تىنچ ئوكيان تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ 22-قېتىملىق بىرەسمىي يىغىنى ئېچىلىدۇ
2014.10.24 09:05 مەنبە: خەلق تورى
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چېن گاڭ 20-ئۆكتەبىر مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 22-قېتىملىق بىرەسمىي يىغىنى 10-ۋە 11-نويابىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. « كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تەڭ بەرپا قىلىش» بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇھىم تېمىسى بولىدۇ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ رەھبەرلىرى ياكى ۋەكىللىرى تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتنىشىدۇ. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىدۇ ھەمدە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سودا-سانائەت رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى ۋە ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىلەن سودا-سانائەت مەسلىھەت بېرىش كېڭىشى ۋەكىللىرىنىڭ سۆزلىشىشىمۇ 9-ۋە 10-نۇيابىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ رەھبەرلىرى ياكى ۋەكىللىرى تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتنىشىدۇ. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىدۇ ھەمدە مۇھىم سۆز قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر