- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو-سىنگاپۇر ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنى پات ئارىدا ئېچىلىدۇ
2014.10.23 10:58 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو-سىنگاپۇر ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنى، جۇڭگو سىنگاپۇر سۇجۇ سانائەت باغچا رايونى بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش كېڭىشىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنى ۋە جۇڭگو سىنگاپور تىيەنجىن ئېكولوگىيە شەھەرچىسى بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش كېڭىشىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنى 27-ئۆكتەبىر سۇجۇدا ئېچىلىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، سىنگاپور جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ جىشيەن 26-ئۆكتەبىردىن 28-ئۆكتەبىرگىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، مۇئاۋىن زۇڭلى جاڭ گاۋلى بىلەن بىرلىكتە يۇقارقى يىغىنلارغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر