باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىگرا سىرتىغا قېچىپ كەتكەن ئىقتىسادىي جىنايەتچىلەر 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن ئۆزىنى مەلۇم قىلسا يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ

2014.10.11 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋرى: ج خ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا،كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاش بىرلەشتۈرۈلگەن جىنايى ئىشلار سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىقتىسادىي جىنايەت قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە جازالاپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكى ۋە بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى قوغداپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق-ھەققانىيلىق ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىق-مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش،چىگرا سىرتىدا قېچىپ يۈرگەن ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارلىرى، جاۋاپكار، جىنايەتچىلەر(بۇلارنىڭ ھەممىسى ئومۇملاشتۇرۇپ چىگرا سىرتىدىكى ئىقتىسادىي جىنايەتچىلەر دەپ ئاتالدى)گە خاتالىقىنى تۈزىتىپ يېڭىدىن ئادەم بولۇش ۋە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش پۇرسىتىنى بېرىش ئۈچۈن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە «چىگرا سىرتىدا قېچىپ كەتكەن ئىقتىسادىي جىنايەتچىلەرنى ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا دەۋەت قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: چىگرا سىرتىدا قېچىپ يۈرگەن ئىقتىسادىي جىنايەتچىلەردىن ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان كۈندىن 2014-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ج خ ئورگانلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلار ئارقىلىق ج خ ئورگانلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلىرىگە قانۇن بويىچە يېنىك ۋە يېنىكلىتىپ جازابېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تولدۇرۇپ بەرگەنلىرىگە يېنىكلىتىپ جازابېرىشكە بولىدۇ؛ قىلمىشى يېنىك بولغانلارنىڭ جىنايىتى كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر