- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


يىغىنى مەزگىلىدە بېيجىڭدا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ
ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ يول يۈرۈشىگە چەك قويۇلىدۇ
2014.10.11 08:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 2014-يىللىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ غەيرى رەسمىي يىغىنى 11-ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. مۇخبىرنىڭ 9-چېسىلا ئىگىلىشىچە، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، يىغىن مەزگىلىدە بېيجىڭ شەھىرىدە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىكەن، ھەمدە قاتناشنى ۋاقىتلىق ئىدارە قىلىش تەدبىرى قوللىنىلىدىكەن.
11-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە جەمئىي ئالتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، خىزمەت كۈنى تەڭشىلىدىغان بولغاچقا، 11-ئاينىڭ 7-كۈنى (جۈمە)، 10-كۈنى (دۈشەنبە) دەپ ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 11-ئاينىڭ 11-كۈنى (سەيشەنبە) ۋە 12-كۈنى (چارشەنبە) 11-ئاينىڭ 2-كۈنى (يەكشەنبە) ۋە 15-كۈنى (شەنبە) گە تەڭشىلىدۇ، يەنى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى (يەكشەنبە) ۋە 15-كۈنى (شەنبە) خىزمەت كۈنى قىلىنىدۇ.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە : خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر