- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەدەنىيەتلىك شەھەرلەرنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشىلاش بايانى ئېلان قىلىندى
2014.10.10 23:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى 9-ئۆكتەبىر ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسىنىڭ مەدەنىيەتلىك شەھەرلەرنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشىلاش ھەققىدىكى خاتالىق كەمچىلىكنى دەرھال تۈزۈتەيلى دېگەن ئومۇمىي باياننى تارقاتتى.
ئومۇمىي باياندا مۇنداق دېيىلدى: يېقىندا مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەتلىك شەھەرلەرنى باھالاش سىستېمىسىنى يېڭىدىن ئېلان قىلىپ، مەدەنىيەتلىك شەھەرلەرنى باھالاشتىكى بىرقانچە تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇخبىر قىسمەن شەھەرلەردىكى پارتىيە ھۆكۈمەت كادىرلىرى، يەرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرلىرى ۋە ئادەتتىكى شەھەر ئاھالىلىرىنى زىيارەت قىلدى. ئۇلار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان سىستېما بىلەن باھالاش ياخشىلاش تەدبىرى ئاساسىي قاتلاملارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىكەن. ئىدىيىۋى مەزمۇن گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، ئەخلاق تەلىپى كۈچەيتىلىپتۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر