- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئېلىمىز 2016-يىلى ئەتراپىدا ئەرىش ئوردىسى-2 ناملىق بوشلۇق تەجرىبىخانىسىنى قويۇپ بېرىدۇ
خەينەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەيدانىدا قويۇپ بېرىش شارائىتلىرى ھازىرلاندى
2014.09.11 12:34 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-سىنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 10-چېسلا ئۆتكۈزۈلگەن 27-نۆۋەتلىك ئالەم بوشلۇقى ئىزدەنگۈچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، جۇڭگونىڭ ئالەم بوشلۇقىغا چىققان تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى، جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يا لىۋېي مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئادەملىك بوشلۇق پونكىتى قۇرۇلۇشى ھازىر پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە، تۈرلۈك تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتى ۋە ئىلمىي سىناق ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلماقتا.
ياڭ لىۋېي مۇنداق دېدى: پىلان بويىچە، 2016-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئەرىش ئوردىسى-2 ناملىق بوشلۇق تەجرىبىخانىسى قويۇپ بېرىلىدۇ، ئارقىدىنلا خاسىيەتلىك كېمە-11 ناملىق ئالەم كېمىسى، ئەرىش كېمىسى-1 ناملىق توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىلىپ ئۇنىڭ بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ. 2018-يىلنىڭ ئالدى-كەينىد بوشلۇق پونكىتى مەركىزىي بۆلۈنمىسىدە سىناق خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ، 2022-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە بوشلۇق پونكىتى قۇرۇلۇشى خىزمىتى تاماملىنىدۇ.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر