- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2014-يىللىق جۇڭگو ئوقۇتقۇچىلار تەرەققىيات مۇنبىرى ئېچىلدى
2014.09.10 13:19 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا، 2014-يىللىق جۇڭگو ئوقۇتقۇچىلار تەرەققىيات مۇنبىرى يېقىندا ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوت شەھىرىدە ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى جۇڭگو دىموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن، باش تېمىسى «شەھەر-بازارلىشىش مۇساپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈلمە مىخانىزمى ۋە سىياسەتتە يېڭىلىق يارىتىش».
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى يەن جۈەنچى مۇنداق دېدى: ئوقۇتۇش شارائىتى قاتارلىق قاتتىق ئۆلچەملەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادكارلىقى تېخىمۇ مۇھىم. مائارىپنىڭ مەۋقەسى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان خاسلىقى بار، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سوبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا، تەربىيەلەش ۋاسىتىسى ۋە ئۇسۇلىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ قوللىنىشىغا توغرا كېلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر