- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ لاھىيەسى ئەڭ تېز بولغاندا بۇ يىل ئىچىدە ئېلان قىلىنىدۇ
2014.09.09 16:17 مەنبە: خەلق تورى
«ئىقتىساد پايدىلىنىش خەۋەرلىرى گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ يېقىندا دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومېتىتىدىكى بىر زاتتىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومېتىتى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ لاھىيەسى ‐‐ «دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تېزدىن تەتقىق قىلىپ تۈزۈۋېتىپتۇ. بۇ لاھىيە ئەڭ تېز بولغاندا بۇ يىل ئىچىدە ئېلان قىلىنىدىكەن.
مەزكۇر زاتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېقىندا دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومېتىتى تۆت تۈرلۈك ئىسلاھات سىنىقىنى باشلاپ، جۇڭگو تېبابىتى-دورىگەرلىكى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، شىنشىڭ جىخۇا، دۆلەت ئاشلىق گۇرۇھى قاتارلىق ئالتە مەركەز كارخانىسىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر پايچېكنى ئىلكىدە تۇتۇش، ئارىلاش مۈلۈكچىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىناقلارنى قانات يايدۇرۇپتۇ. دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومېتىتى ئومۇمىي ئىسلاھات ھەققىدە يېتەكچى پىكىر ئېلان قىلماپتۇ، كەلگۈسىدە سىناق نۇقتىسى قىلىنغان كارخانىلاردىكى سىناق ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرىدىكەن، ئەمما كونكرېت ئېلان قىلىش ۋاقتى يەنىلا تەتقىق قىلىنماقتا ئىكەن.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر