باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش چوڭ دولقۇنى باشلاندى» ماۋزۇلۇق مۇلاھىزە

2014.09.09 10:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك

  چوڭقۇرلاشتۇرۇش چوڭ دولقۇنى باشلاندى- يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى توغرىسىدىكى مۇلاھىزە» ماۋزۇلۇق مۇلاھىزىنى تارقاتتى.

  مۇلاھىزىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى باسقۇچى باشلاندى. يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇملۇققا نەزەر سېلىپ، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، چوڭ ئىشلارنى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىسلاھاتنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلىدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش دۆلەتنى تىزگىنلەش سىستېمىسى ۋە تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇمىي نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، قەدەممۇ-قەدەم ئىنچىكىلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇساپىسىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

  مۇلاھىزىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باشلانغان يىلنىڭ ئەمدىلا يېرىمى ئۆتۈپ كەتتى، يۇقىرى قاتلامدا لايىھەلەش ماھىيىتىگە ئىگە بولغان تۈركۈم-تۈركۈم ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش لايىھەلىرىنىڭ كەينى-كەينىدىن ئوتتۇرغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بەلگىلىك، ئاچقۇچلۇق، يېتەكچىلىك رولىغا ئىگە ئىگە بولغان نۇرغۇن زور ئىسلاھات تەدبىرلىرى كەينى-كەينىدىن ئوتتۇرغا قويۇلدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، ئىقتىساد، سىياسەت، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا ئىسلاھات چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ راستچىل ، ئەمەلىيەتچىل بولغان، قىيىن مەسىلىلەرگە تېگىش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، دادىل يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىسلاھات تەدبىرلىرى بىردىنلا ئىلگىرى سۈرۈلدى، يېڭى ئىسلاھات دولقۇنى جۇڭخۇا ئىلىنى قاپلىدى، تۈزۈلمە مېخانىزم جەھەتتە كادىرلار ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن توغرا يول ئېچىلىپ، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېڭى ھاياتى كۈچ ئاتا قىلىندى.

  مۇلاھىزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلمەكتە. بۇ ئۇلۇغ دەۋردە كىشىلەر ئىسلاھات دەپ چۇقان سالماقتا، ئىسلاھاتقا ئاتلانماقتا، ئىسلاھاتقا شاھىت بولماقتا، ئىسلاھات دولقۇنىدا كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر