- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو-ئامېرىكا چوڭ دۆلەتلەر ئارا يېڭىچە مۇناسىۋىتى ئورنىتىش مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
2014.09.05 16:29 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-سېنتەبىر جۇڭگو-ئامېرىكا چوڭ دۆلەتلەر ئارا يېڭىچە مۇناسىۋەت ئورنىتىش باش تېما قىلىنغان جۇڭگو-ئامېرىكا مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
جۇڭگو-ئامېرىكا دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى شۈ كۇاڭدى، جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لى شياۋلىن، دېپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى جېڭ زېگۇاڭ، ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى جىممى كارتېر ئەر-خوتۇن، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى ماكس بوكاس قاتارلىق جۇڭگو-ئامېرىكا ئەللىرىنىڭ سىياسىي، ئىلىم، سودا ساھەلىرىدىن 120 ئادەم مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ، يەرشالىشىش ۋەزىيىتىدىكى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، سودا-ئىقساد-مەبلەغ سېلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، كلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر