- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


نىڭبو تاموژنىسى ئەتكەس قىلىنغان قىممەتلىك بۇيۇملارنى قولغا چۈشۈردى
2014.09.04 14:57 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
نىڭبو تاموژنىسى 2-سېنتەبىر بىر تۈركۈم ئەتكەس قىلىنغان قىممەتلىك بۇيۇملارنى قولغا چۈشۈرگەن ، بۇنىڭ ئىچىدە پىلنىڭ باش سۆڭىكىدىن بىرى ، پىل چىشىدىن ياسالغان بۇيۇملاردىن 1158 ى ، بېگېموت چىشىدىن ياسالغان بۇيۇملار ، بوغما يىلان تېرىسى ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان بۇيۇملار ، چايان ئەۋرىشكىسى قاتارلىق بار بولۇپ ، ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليون 800 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن .
بۇ بۇيۇملار ھوقۇقلۇق ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتكەن بولۇپ ، كۆپىنچىسى ‹‹ يوقىلىش گىردابىدىكى ياۋايى ھايۋاناتلار ۋە ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنىڭ خەلقئارا سودا ئەھدىنامىسى ›› غا كىرگۈزۈلگەن ، چېگرىدىن چىقىش -كىرىشى چەكلەنگەن قىممەتلىك بۇيۇملار ئىكەن . نۆۋەتتە ، تاموژنا قولغا چۈشۈرۈلگەن بۇ قىممەتلىك بۇيۇملارنى نىڭبو شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر