- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


نامۇسو كۆلىنىڭ كۆلىمى 10 يىلدا 50 كۇۋادىرات كىلومېتىر كېڭەيدى
2014.09.04 09:54 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى چىڭخەي شىزاڭ ئىگىزلىكى تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى جاڭ گوچىڭ 2-سېنتەبىر مۇخبىرغا: ئەڭ يېڭى يىراقتىن تەكشۈرۈپ پەرق ئېتىش سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز تۇزلىق سۇ كۆلى نامۇسو كۆلىنىڭ كۆلىمى 2026 كۇۋادىرات كىلومېتىرغا يېتىپ، ئۆتكەن 10 نەچچە يىلدا كۆلىمى 50 كۇۋادىرات كىلومېتىر كۆپىيىپ، ئىلگىرىكى ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆرىنەرلىك تېزلىدى،دېدى.
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى چىڭخەي شىزاڭ ئىگىزلىكى تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تەتقىقاتچى جۇ لىپىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: گەرچە ئاتموسفېرانىڭ ھۆل يېغىن مىقدارى نامۇسو كۆلىنىڭ ئومۇمىي سۇ مىقدارىنى تولۇقلاشتا مۈتلەق ئورۇنغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما مۇزلۇقنىڭ ئېرىشىنىڭ تېز بولۇشى نامۇسو كۆلىنىڭ كۆلىمىنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبكەن. نامۇسو ۋادىسىدىكى مۇزلۇقنىڭ ئېرىش مىقدارى ۋە ھۆل يېغىن مىقدارى كۆپەيمەكتە، بۇ كۆل سۈيىنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارىدىن كۆپ، بۇنىڭ بىلەن كۆلنىڭ كۆلىمى ئۆزلۈكسىز كېڭەيمەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر