- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شى جىنپىڭ رۇمىنىيە زۇڭلىسى پۇنتا بىلەن كۆرۈشتى
2014.09.03 15:12 مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-سېنتەبىر ‹‹خەلق›› سارىيىدا رۇمىنىيە زۇڭلىسى پۇنتا بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : جۇڭگو-رۇمىنىيە مۇناسىۋىتى ھەققىدە گەپ بولغاندا ، بىز ئالدى بىلەن ئويلايدىغىنىمىز ‹‹ دوستلۇق ›› . مەندەك بۇ ياشتىكى ئادەملەر ناھايىتى بۇرۇنلا جۇڭگو-رۇمىنىيە دوستلۇقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان . ئاشۇ چاغلاردىكى رۇمىنىيەنىڭ نادىر كىنولىرىنى جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىلىدۇ . جۇڭگو-رۇمىنىيە ئىككى تەرەپ باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ ، ئۆزئارا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ ، قىيىن شارائىتلاردا بىللە بولۇپ ، جۇڭگو-رۇمىنىيە دوستلۇق دەرىخىنى باراقسان كۆكلەتتى . جۇڭگو تەرەپ رۇمىنىيە تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە زور كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە قەتئىي قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ . بۇ يىل ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى ھەمدە ئومۇميۈزلۈك دوستانە ھەمكارلىق ، شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى ، مەن ئىككى تەرەپنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدىن چىقىپ ، جۇڭگو-رۇمىنىيە مۇناسىۋىتىدە يېڭى، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر