- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خېيلۇڭجياڭدا ساقچىنى ئۆلتۈرۈپ تۈرمىدىن قاچقان قاتىلنىڭ تۈرمىدىن قاچقان ۋىدىيوسى ئاشكارلاندى
2014.09.03 14:16 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 4:40 لەردە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى يەنشوۋ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ سولاقخانىسىدا 3 جىنايەت گۇماندارى بىر كۈزەتچى ساقچىنى ئۆلتۈرۈپ، ساقچى فورمىسىنى كىيىپ قاچقان. نۆۋەتتە ج خ تارماقلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغلاپ تۇتۇشنى تەشكىللەۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن شۇيەردىكى ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ ئۈچ نەپەر جىنايەت گۇماندارىنىڭ ۋاڭ دامىن، گاۋيۈلۈن، لى خەيۋېي ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. سۈرەتتە: سائەت 4 دىن 44 مىنۇت 27 سېكۇنت ئۆتكەندە، ۋاڭ دامىن قارا كۆك كۈزلۈك-ئەتيازلىق فورما، قارا كۆك ساقچى ئىشتىنى، پۇتىغا خۇرۇم ئاياق كىيىپ ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋاتماقتا.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر