- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپكە يېڭى كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
2014.09.03 13:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇشتا لازىملىق چاقىرىق قەغەز، كىملىك، نوپۇس يۆتكەش ئىسپاتى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇش ئىسپاتى قاتارلىقلارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىبى، ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش تىزىملىكى، ئېلېكترونلۇق ئارخىبى بىلەن بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇپ تەپسىلىي تەكشۈرۈدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تەلەپ بويىچە سەنئەت، تەنتەربىيە كەسپى ياكى سەئەت، تەنتەربىيە ئالاھىدىكى بار ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ئالاھىدە تۈردىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كەسپى بويىچە قايتا سىناپ تەكشۈرۈلىدىكەن. ساختىلىق ياكى كۆز بويامچىلىق بىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇلغان، قوبۇل قىلىش سالاھىيىتى ياكى باشقىلارنىڭ سانىنى ئىگىلەپ كىرگەن يېڭى ئوقۇغۇچىلار، بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار سالاھىيىتى كۆرسىتىلمىگەن يېڭى ئوقۇغۇچىلار، تەكشۈرۈپ ماقۇللانماي پىلان ئىچىدا ئېلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا بىردەك ئېلېكترونلۇق رويخېتى تىزىملىتىلمايدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر