- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بېيجىڭ خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسى يېپىلدى
2014.09.02 09:55 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
21-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسى تۈنۈگۈن يېپىلدى. بەش كۈندە 78 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن كۆرگەزمىگە قاتنىشىۋاتقان سودىگەرلەر كەڭ دائىرىدە نەشىر ھوقۇقى سودىسى ئېلىپ باردى، ئەدەبىيات، ئۆسمۈر-بالىلار، سوتسىيالستىك يادرولۇق قىممەت قارشى تۈرىدىكى كىتابلار بۇ يىللىق نەشىر ھوقۇقىنى سىرتقا چىقىرىشتىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
باھاسى 500نەچچە يۈەن بولغان «جۇڭگو- يېڭى ئۇزۇن سەپەر» دېگەن كىتاب- چىڭداۋ نەشىرىيات گوروھى يەر شارىدىكى 20دىن ئارتۇق فۇتۇگرافنى جۇڭگوغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇزۇن سەپەر بويىدىكى لىنىيەلەرنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن تاماملىغان ئەسەر بولۇپ، كىتاپقا يەنە ۋىدىيو چاستوتا بېسپ كىرگۈزۈلگەن. ھازىر بۇ كىتابنىڭ چەتئەلدىكى زاكىزى 20مىڭغا يەتتى.
سوتسىيالستىك يادرولۇق قىممەت قارشى، جۇڭگو يولى، جۇڭگو ئەندىزىسى شۇنداقلا زامانىۋى ئەدەبىيات تۈرىدىكى كىتابلارمۇ نەشىر ھوقۇقىنى سىرتقا چىقىرىشتىكى ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى.
بۇ يىلقى كىتاب كۆرگەزمىسىدە سىرتقا چىقىرىلغان نەشىر ھوقۇقى ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا %24ئاشتى، چىقىرىلغان نەشىر ھوقۇقى ئومۇمىي مىقدارى 2954 خىلغا يەتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر