- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لى كېچاڭ بىلەن يۈجىڭشىڭ پاكىستاننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى زەردارى بىلەن ئايرىم ئايرىم كۆرۈشتى
2014.08.29 09:45 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش مىنىستىر لى كېچياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى يۈ جىڭشىڭ 27-ئاۋغۇست بېيجىڭدا پاكىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى، سابىق پىرېزىدېنت زەردارى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان قەدىناس دوستلاردىن بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلەر. جۇڭگو، پاكىستان بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، پارتىيەلەر ئارا ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو پاكىستان بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ئىقتىساد كارىدورىنى ياخشى قۇرۇپ، رايوندىكى ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى يۈ جىڭشىڭ زەردارى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: پارلامېنتلارنىڭ ئالاقىسى جۇڭگو پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى پاكىستان كېڭەش پالاتاسى بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشنى خالايدۇ.
زەردارى مۇنداق دېدى: ئۆز ئارا ئىشىنىش، چۈشىنىش ئاساسىدىكى پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. پاكىستان جۇڭگونىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىردا پاكىستاننى قوللىغانلىقىغا ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. ھەمدە جۇڭگو بىلەن بىرگە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر