- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جاڭ دېجياڭ مۇگابى بىلەن كۆرۈشتى
2014.08.29 09:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا زىمبابۋى پىرېزىدېنتى مۇگابى بىلەن كۆرۈشتى.
جاڭ دېجياڭ مۇگابىنىڭ زىمبابۋىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە تەرەققىياتى، ئافرىقىنىڭ مىللىي ئازاتلىق ئىشلىرىغا قوشقان كۆرۈنەرلىك تۆھپىسىنى يۈكسەك تەرىپلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-زىمبابۋىنىڭ ئەنئەنىۋىي دوستلۇقى ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق قىممەتلىك بايلىقى، ئىككى تەرەپ بۇنى ياخشى ئاسرىشى، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو زىمبابۋى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھازىرقى ياخشى ئاساستا، زىمبابۋى پارلامېنتى بىلەن بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي ئىشەنچىسىنى قانۇن قاتلىمىدىن كۈچەيتىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلب قىلىش، ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشى قاتارلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەھەتلەردىكى تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ ۋە پۇختىلاپ، جۇڭگو-زىمبابۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر