باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بايرامدىن بۇرۇن «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، داۋاملىق زەربە ھالىتىگە ئۆتتى

تاۋۇز چاغىنىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىنتىزام دېلولىرىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشكە ئاتلاندى

«تۆت خاھىش»نى تۈزەشتىن ئىبارەت تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى ئېلىپ بارايلى

2014.08.28 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8-ئاۋغۇست، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى «مەملىكەت بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسى روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنىڭ جەملەش جەدۋىلى»نى يەنە بىر قېتىم يېڭىلىدى. جەدۋەلدە كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 31-كۈنىگە قەدەر، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمە روھىغا خىلاپ 51 مىڭ 600 مەسىلە تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، 67 مىڭ 679 ئادەم بىر ياقلىق قىلىنغان، 18 مىڭ 365 ئادەمگە پارتىيە ۋە مەمۇرىي ئىنتىزام چارىسى كۆرۈلگەن.

  پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئۇدا كۈچ چىقىرىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ نازارەتنى كۈچەيتىپ، «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمە روھىغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا، بايقالغان زامانلا زەربە بېرىپ، «جۈرئەت قىلالماسلىق» ھالىتىنى شەكىللەندۈردى.

  پات ئارىدا كېلىدىغان تاۋۇز چاغىنىغا قارىتا، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىدە چىڭ تۇرۇپ، سىگنال بېرىپ، ئېغىر زەربە بېرىپ، رەھىمدىللىك قىلماي، تاۋۇز چاغىنى مەزگىلىدە «تۆت خاھىش»نى تۈزەشتىن ئىبارەت بۇ بىر مەيدان تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى كەسكىن قانات يايدۇرۇپ، ناتوغرا ئىستىلنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىگە قەتئىي يول قويماسلىقى كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر