- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىمارەت سېلىش مەسىلىسىنى ئېلان قىلدى
2014.08.28 15:51 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىمارەت سالغان تۆۋەندىكى بەش مەسىلىنى ئېلان قىلدى. بۇلار تۆۋەندىكىچە:
1.ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى كۆكخوت شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ قاتناش ساقچىسى قوماندانلىق مەركىزىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىش مەسىلىسى.
2.خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھىرى بىڭشيەن ناھىيىسىنىڭ ئىشخانا بىناسىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ سېتىۋېلىش مەسىلىسى.
3.خۇبېي ئۆلكىسى شىيەن شەھىرى فاڭشەن ناھىيىسىنىڭ ئىشخانا بىناسىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىش مەسىلىسى.
4. خۇنەن ئۆلكىسى شياڭتەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىمارەتنى بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىش مەسىلىسى.
5.شەنشى ئۆلكىسى يۈلىن شەھىرى مىجى ناھىيىسىنىڭ پارتىيىلىك كادىرلارنى تەربىيىلەش مەركىزىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىش مەسىلىسى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى نازارەت قىلىش پاش قىلىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، جازالاش مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش لازىم. تىپىك دېلولارنى ئىسمىنى ئاتاپ پاش قىلىپ ، كۈچلۈك تەھدىت شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر