باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

رۇسىيە ياۋروپا بىلەن تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىدۇ

2014.08.27 10:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە خەۋەر ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى نوۋاك ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى ئوتىنگىر 29-ئاۋغۇست موسكۋادا تەبىئىي گاز مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىدۇ، دېدى.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنى ئارقىلىق ياۋروپاغا تەبىئىي گاز يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ مۇھىم قارالمىسى بولىدۇ. بۇندىن باشقا، ئىككى تەرەپ جەنۇبىي ساھىل تۈرى چېتىلغان قانۇنىي ۋە تېخنىكىلىق مەسىلىلەر، رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى شىركىتىنىڭ OPAL تەبىئىي گاز تۇربىسىدىن پايدىلىنىشى شۇنداقلا رۇسىيە بىلەن رۇسىيە-ياۋروپا ئەللىرى ئېنېرگىيە سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە ئالاقىلار مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر