باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە باقلانىڭ نىشانلىق باھاسى بېكىتىلدى

2014.08.27 10:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ھۆججىتىگە ئاساسەن، دۆلىتىمىز بۇ يىل شەرقى شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇلنىڭ باقىلاسى، شىنجاڭنىڭ پاختىسىنىڭ نىشانلىق باھاسى تولۇقلىما سىنقىنى رەسمى باشلىدى، نۆۋەتتە باقىلانىڭ نىشانلىق باھاسى بېكىتىلىپ بولدى، تولۇقلىما تارقىتىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك چارىلار چىڭ تۇتۇپ تۈزۈلمەكتە، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى ئاساسلىق باقىلا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان خەيلۇن شەھىرىدە باقىلا تېرىغۇچى دېھقانلار خېلى بالدۇرلا بۇ يىلدىن باشلاپ، باقىلا سودىسى قىلىۋاتقىنىغا نۇرغۇن يىل بولغان ئاشلىق پونكىتى يىغىش نۇقتىسىنىڭ ئۆز ئۆيى ئەتراپىدا كۆرۈنمىگىنىنى ھىس قىلىپ يەتتى، چۈنكى دۆلەت بۇنىڭدىن كېيىن ھەممىنى سېتىۋالماستىن باقىلا تېرىغۇچى دېھقانلار بازاردىن خېرىدار تاپىدىغان بولغان ئىدى، ئۇنداقتا دېھقانلارنىڭ باھادا ئالدىنىپ قېلىشىنىڭ قانداق ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭدا باقلىنىڭ نىشانلىق باھاسىنى بېكىتىشكە توغرا كېلىدۇ، ھۆججەتنىڭ تەلىپى بويىچە باقىلا باھاسىنى بېكىتىشتە تېرىش تەننەرخىنى ئويلىشىپ، دېھقانلارغا مۇۋاپىق پايدا بوشلۇقى قالدۇرۇلدى، ھازىر بېكىتىلگەن ھەر بىر جىڭى ئىككى يۈەن تۆت مولۇق باھا ئىلگىركى يىللاردىكىدىن خېلى يۇقۇرى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر