باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن «دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى»نىڭ نامى «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»غا ئۆزگەرتىلىدۇ

2014.08.26 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قانۇن ئۆزگەرتىش مۇھىم نۇقتىسى: جامائەت خەۋپسىزلىكى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ ماسلىشىشى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ قىسمەن مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى قانۇن-نىزام دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش؛ چەت ئەل تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرخىل جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى چوقۇم قانۇن بويچە سۈرۈشتە قىلىش.

   25-ئاۋغۇست بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنىدا، گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى گېڭ خۇيچاڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگەندە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىگە ماسلىشىش، جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن، دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ھازىر ئىجرا قىلىنىۋاتقان دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى ئاساسىدا، جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدىكى تەجرىبە ۋە ئەمەلىيەتنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى، «دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى»نىڭ نامى «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»غا ئۆزگەرتىلىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر