- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تور بېكىتىدە سەككىز بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 153 دېلو ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى
چوڭ يەپ چوڭ ئىچىش، ھەشەمەتچىلىك قىلىش دېلولىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسپىتى بىرقەدەر كۆپ
2014.08.26 15:45 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقى تور بېكىتى نۆۋەتتە 18-ئاۋغۇستتىن 24-ئاۋغۇستقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى سەككىز بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان دېلودىن 153 نى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئېلان قىلغان 29 رايون ۋە ئورۇندىكى دېلو ئىچىدە، 35ى ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى باشقۇرۇش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش، 35ى خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش، 34ى چوڭ يەپ چوڭ ئىچىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ ئىچىش، 22سى ھەرخىل تولۇقلىما، پاراۋانلىق، بايراملىق پۇللارنى تارقىتىش قىلمىشىغا خىلاپلىق قىلىش، 14ى ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش قىلمىشلىرى ئىكەن.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر