باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىزاڭغا 20 يىلدا نۇرغۇن كادىر ياردەمگە باردى

2014.08.26 13:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى تۆت مىڭ مېتىردىن ئاشىدىغان چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدە، 20 يىل ئىچىدە ئالتە مىڭغا يېقىن شىزاڭغا ياردەم بەرگۈچى كادىر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئىز بېسىپ، ئۆزلىرىنى ساداقەتمەنلىك بىلەن بېغىشلاپ ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شىزاڭغا بولغان غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى.

  بۇ يىل 7-ئايدا 49 ياشلىق سەي جياخۇانىڭ شىزاڭدا ئىشلەۋاتقىنىغا 2-ۋەزىپە مەزگىلى، يەنى 4-يىلى بولدى. شىزاڭغا بېرىشتىن ئىلگىرى ئۇ گۇاڭدۇڭنىڭ دوڭگۈەن شەھىرىدىكى بىر مۇنەۋۋەر بازار باشلىقى ئىدى، شىزاڭدا ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ لىنجى ۋىلايىتى لىنجى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، لىنجى ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى.

  خەلق تۇرمۇشىنى ئىگىلەش، پىلانلاش، قۇرۇلۇشنى چىڭ تۇتۇش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي قىلغان جايلارنىڭ مول باشقۇرۇش تەجرىبىلىرى ئارقىلىق، ئۇ بېكىنمە، كەينىدە قالغان شىزاڭنىڭ مۇھىتىغا تېزدىن ماسلىشىپ، نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. شۇ جايدىكى ئامما سەي شۇجىنى مەركەز بىزگە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشكە ئەۋەتتى، بىز ئۇنىڭغا ئىشىنىمىز دېدى.

  سەي جياخۇاغا ئوخشاش، ئۆتكەن 20 يىلدا 4496 كادىر ۋە 1466 مەخسۇس تېخنىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئاتا-ئانىسى، ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، ۋەتەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن شىزاڭغا باردى. كوڭ فەنسېن، جاڭ يۈ، چېن گاڭيى، جۇ گۇاڭجى قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرى بولدى.

  بۇ-ئۆزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلغان 20 يىل بولدى. شىزاڭغا ياردەم بەرگەن 7615 تۈر، شىزاڭغا ياردەم قىلىنغان 26 مىليارد يۈەن پۇل ئارقىلىق، نۇرغۇن مۆجىزىلەر بارلىققا كەلدى. شىزاڭ زاڭزۇ تېبابەت دورا زاۋۇتى، 5100 مىنېرال سۈيى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئالاھىدە كارخانىلار تېزدىن ئۆسۈپ يېتىلىپ، شىزاڭنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى.

  بۇ-خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئەڭ تېز ئۆسكەن 20 يىل بولدى. بارلىق يېزىلارغا كەڭ بەلباغ تورى، بارلىق كەنتلەرگە تېلېفون ئاساسەن يەتكۈزۈلۈپ، قارلىق ئېگىزلىك بىلەن دۇنيا مائۇسنى بىر بېسىش ئارقىلىق ئالاقە قىلالايدىغان بولدى؛ ھامىلىدار ئاياللار ۋە يېڭىدىن تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، يەسلىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە 15 يىل ھەقسىز ئوقۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  بۇ-مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەڭ مۇستەھكەم 20 يىل بولدى. ئېگىز تاغلاردىكى چارۋىچىلىق مەيدانلىرى، ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدا، شىزاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار بىلەن يەرلىك كادىرلار بىرلىكتە كەنتلەرگە بېرىپ، نامراتلارنى يوقلاپ، دوستلۇق ئورنىتىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەردى. ھەممە جايدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقلار لەپىلدەپ تۇرىدىغان بولدى، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، بەخت كۆرسەتكۈچى ئۆزلۈكسىز ئاشتى.

  يېڭى تارىخىي پەيتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىزاڭنىڭ ئۇدا مۇقىملىقى، ئۇزۇن مۇددەت مۇقىملىقى، ئومۇميۈزلۈك مۇقىملىقىنى تېرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، 2020-يىلىغىچە شىزاڭنى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە يەتكۈزۈشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى.

  قۇياشقا ئەڭ يېقىن بۇ جايغا ئارزۇ-ئۈمىد ئۇرۇقلىرى چېچىلدى. بىر گۈزەل، ئىناق، ئۈمىدكە تولغان سوتسىيالىستىك يېڭى شىزاڭ تېخىمۇ گۈزەللەشكۈسى ۋە باي-باياشاتلىققا تولغۇسى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر