- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


7-ئايلىق قەرز سوممىسى تۇيۇقسىز چۈشۈپ كەتتى، مەركىزىي بانكا يۇقىرى خەۋپلىك ساھەلەرگە «قەرز بېرىش»تە پاسسىپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2014.08.14 16:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا ئېلان قىلغان پۇل مۇئامىلە سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئايدا دۆلىتىمىز خەلق پۇلى قەرز سوممىسى ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى مۆلچەردىكىدىن بەكلا تۆۋەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىن كەڭ كۆلەملىك چېكىنگەن. مەركىزىي بانكا مۇنداق كۆرسەتتى: بىر سەۋەب شۇكى، سودا بانكىلىرىنىڭ ناچار قەرز سوممىسىنىڭ نىسبىتى ئۇدا ئۆستى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قەرز پۇل تارقاتتى، ئىناۋەت خەۋپ-خەتىرى مەركەزلىك يۈز بېرىۋاتقان بەزى رايونلار ۋە ساھەلەرگە قەرز پۇل بېرىشتە تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئايدا دۆلىتىمىز خەلق پۇلى قەرز سوممىسى 385 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45 تۆۋەنلىگەن، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %64 تۆۋەنلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، 7-ئايدا ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى 273 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 1 تىرىليون 690 مىليارد يۈەن كېمىيىپ، %86 تۆۋەنلىگەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 546 مىليارد يۈەن كېمىيىپ، %67 تۆۋەنلىگەن.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر