- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كېيىنكى يېرىم يىللىق مالىيە كىرىمىنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى
7-ئايلىق مالىيە كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9، باج كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.4 ئاشتى.
2014.08.12 14:58 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە: 7-ئايدا مەملىكەت بويىچە مالىيە كىرىمى 1 تىرىليون 266 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە باج كىرىمى 1 تىرىليون 113 مىليارد 320 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.4 ئاشقان؛ باجدىن سىرت كىرىم 153 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 تۆۋەنلىگەن. 1-ئايدىن 7-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە مالىيە كىرىمى 7 تىرىليون 540 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.6 ئاشقان.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر