- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىلە ئەمگەك تاپشۇرۇقىنى كۆپەيتىشنى بەلگىلىدى
2014.08.11 09:57 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا تور بېكىتىدە «مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنى باشقۇرۇش ئۆلچىمىنىڭ سىناق نۇسخىسى»نى ئېلان قىلدى، بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونى، جياڭسۇ ئۆلكىسى تەيجۇ شەھىرى قاتارلىق يەتتە ۋىلايەت، شەھەر، رايون، ناھىيە ئۆلچەمنى سىناق قىلىش رايونى قىلىندى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 1600 مەكتەپ مۇشۇ ئايدىن تارتىپ 92 بەلگىلىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىدۇ. بۇ بەلگىلىمە مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ھەر قانداق شەكىلدىكى مەكتەپكە كىرىش ياكى ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى ئالمايدۇ؛ مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا ئائىلە ئىشلىرى، ئەمگەك، ئورۇنلاشتۇرۇشى، مەكتەپنى ئېچىۋېتىش كۈنى ئۆتكۈزۈشى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر كۈنى ئون سائەت، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر كۈنى توققۇز سائەت ئۇخلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
«مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنى باشقۇرۇش ئۆلچىمىنىڭ سىناق نۇسخىسى»نىڭ باشقۇرۇش ۋەزىپىسىدە جەمئىي 92 باشقۇرۇش تەلىپى بار بولۇپ، مەكتەپ باشقۇرىدىغان ئاساسلىق تەرەپلەرنى تولۇق قاپلىدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرگە مۇۋاپىق كېلىدۇ دېدى.
بۇ 92 بەلگىلىمىدە مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا كىرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، ھەر قانداق شەكىلدىكى مەكتەپكە كىرىش ياكى ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى ئالماسلىق، تۈرلۈك مۇسابىقە، ئىمتىھان دەرىجىسى، مۇكاپات گۇۋاھنامىلىرىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش ياكى ئۆرلەپ ئوقۇشىنىڭ ئاساسى قىلىۋالماسلىق. سىنىپلارغا باراۋەر ئايرىش، نۇقتىلىق سىنىپ ۋە نۇقتىسىز سىنىپ دەپ ئايرىماسلىق، سىنىپ ئايرىش جەريانىدا، ئالاقىدار كىشىلەرنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.
بۇ 92 بەلگىلىمىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئوقۇغۇچىلار يوقلىما تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش، ھەر كۈنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كېلىشى، دەرس ئوقۇشى، ئارام ئېلىشىنى ئىستاتىستىكا قىلىش، مەكتەپكە بارمىغانلارنى ئىز قوغلاش تەكشۈرۈش لازىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە، مەكتەپلەردىن مەشغۇلات ۋاقتىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر