باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى كۈنشەندىكى پارتلاش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە خادىم ئەۋەتتى

2014.08.04 09:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا ،بۇ مەھكىمە كۈنشەن جوڭروڭ مېتال بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى ئۈچ دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرى بىلەن ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە خادىم ئەۋەتكەن.

  جياڭسۇ ئۆلكىسى كۈنشەن شەھىرىنىڭ تەرەققىيات رايونىدىكى جوڭروڭ مېتال بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى ئاپتوموبىل بۇلىنى پارقىرىتىش سېخىدا تۈنۈگۈن سائەت 7 دىن 37 مىنۇت ئۆتكەندە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى.ۋەقەدىن كېيىن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ رەھبەرلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە تىزدىن قاتنىشىپ،ۋەقە ئارقىسىدىكى خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەت ئۈستىدىكى جىنايەتنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى.شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش ھوقۇققا دەخلى تەرز يەتكۈزۈشكە قارشى تۇرۇش تەپتىش كوللېگىيىسى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا خادىم ئەۋەتتى. بۇ خادىملار جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، سۇجۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، كۈنشەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق ئۈچ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىش لايىھىسى ۋە تەدبىرىنى تەھلىل قىلىپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ۋەقە خېيىم خەتىرىدىن قۇتقۇزۇش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە ماسلاشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن، جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى،سۇجۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى،كۈنشەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق ئۈچ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش ئورگانلىرى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، تەكشۈرۈش نازارەت قىلىش تارماقلىرى ۋە خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ھوقۇققا دەخلى تەرز يەتكۈزۈشكە قارشى تۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرىنى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا تۇنجى بولۇپ ئەۋەتىپ، ئەھۋالنى ۋاقتىدا ئىگىلىگەن ھەمدە ئالاقىدار تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى قانۇن بويىچە ئېلىپ بارغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر