- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بۇ يىل 28 ئۆلكىدە ياقا يۇرتتا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىش يولغا قويۇلدى
2014.06.05 09:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دىققەتكە سازاۋەرلىنىپ كەلگەن ياقا يۇرتتا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىش 2013-يىلى دەسلەپكى قەدەمدە يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ يىل يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 28 ئۆلكىدە يولغا قويۇلدى. بۇ يىل تىزىملاتقانلار 56 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 12 ھەسسە ئاشتى، لېكىن بىر قىسىم جايلاردىكى شەرت زىيادە يۇقىرى بولۇپ كېتىش مەسىلىسىنى يەنىمۇ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر كەلگۈسىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆلكىگە ئايرىپ پىلان بويىچە قوبۇللاش تۈزۈمىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىمتىھان بىلەن قوبۇللاشنى نىسپىي ئايرىپ، ئالىي مەكتەپلەر ئۆزئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى يولغا قويۇپ، ياقا يۇرتتا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىش مەسىلىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.
2014-يىلى ياقا يۇرتتا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىشنى يولغا قويغان جايلار داۋاملىق كۆپەيدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 28 ئۆلكىدە ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ كەلگەن پەرزەنتلەرنىڭ شۇ جايدا ئىمتىھانغا قاتنىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، شەندۇڭ، نىڭشيا، شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇل، فۇجيەن، خەينەن، سەنشى قاتارلىق 16 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر يېڭىدىن بۇ سەپكە قوشۇلغان. بۇ 2014-يىلى ياقا يۇرتتا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىش ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشكەن بىر يىل بولۇپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر