- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مائارىپ مىنىستىرلىكىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى: نۆۋەتتە ھوقۇق-پۇل سودىسى ئارقىلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ تەسىرى يامان بولماقتا
2014.06.03 18:10 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نازارەت بۆلۈمى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىكى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مائارىپ مىنىستىرلىكىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىيىڭ ئالدىنقى كۈنى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، مائارىپ ساھەسى ھەرگىزمۇ پاك ئەمەس، مائارىپ تارماقلىرىمۇ پاك ئورۇن ئەمەس، پەن-تەتقىقات خىراجىتىگە خىيانەت قىلىش، ئۇنى ئىشلىتىۋېلىش دېلولىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، ئۇل قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى ئىنتىزام قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار كۆپ يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، ھوقۇق-پۇل سودىسى ئارقىلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ تەسىرى ئىنتايىن يامان بولماقتا.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر