- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لەنجۇ-ئۈرۈمچى يوقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا يېل ئاخىرغىچە قاتناش باشلىنىدۇ
2014.02.26 11:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
لەنجۇ تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دەسلەپكى مۆلچەرگە قارىغاندا، بۇ يىل ئاخىرغىچە لەنجۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان لەنجۇ- ئۈرۈمچى 2-قوش لىنىيەسىنىڭ ھەممە لىنىيەسىدە ئومۇميۈزلۈك قاتناش باشلىنىدىكەن، ئۇزۇنلۇقى 1700 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولدا ئىككى جاي ئارىلىقىدىكى سەپەر ۋاقتى 20سائەتتىن 8 سائەتكە قىسقىرايدىكەن. 2013-يىلى دۆلەت رەھبەرلىرى يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ئىلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشكە پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. غەربىي شىمالدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن غەربكە ئىچىۋېتىشكىچە تۆمۈر يول تىرانسپورتىنىڭ رولى ناھايىتى مۇھىم، لەنجۇ-ئۈرۈمچى تۆمۈر يولى نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول، لەنجۇ ئۈرۈمچى تۆمۈر يولى بىلەن قەدىمى يىپەك يولىنىڭ غەربىي شىمال لىنىيەسى ئاساسى جەھەتتىن يانداش. بۇ تۆمۈر يولدا قاتناشنىڭ باشلىنىشى غەربىي شىمال رايونىنىڭ مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر