- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ چېگرا مەسىلىسى سۆھبىتىدە دەسلەپكى ئۈنۈم كۆرۈلدى
2014.02.14 09:46 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 11- فېۋرال ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ھىندىستان چېگرا مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىللىرىنىڭ 17-قېتىملىق ئۇچرىشىشى ئاياغلاشتى. ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ۋەكىللىرى يىغىندىن كېيىن ھىندىستان تاراتقۇلىرىغا ئىككى تەرەپ قىسمەن نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنى ئىنتايىن ئىجابىي سۈرەتلىدى. ھىندى دېنى مۇرىتلىرى گېزىتىنىڭ 12-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ ئىككى كۈنلۈك ئۇچرىشىش ئىنتايىن ئىجابىي بولدى. ئىككى تەرەپ ئىشىنىش تەدبىرى جۈملىدىن چېگرا موداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش، چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش رامكا كېلىشىمى قاتارلىق قارالمىلارنى مۇزاكىرە قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر