- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئەرش توشقىنى ھەرىكەت ھالىتىگە كىردى
2014.02.14 09:39 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى پېي جاۋيۈ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدە ياسالغان ئەرش توشقىنى ناملىق ئاي ماشىنىسى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەتكە كەلدى، ئۇنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالى ياخشىلاندى، لېكىن مەسىلە كېلىپ چىققان ئورگانلار يەنىلا ئەسلىگە كېلىشنى كۈتمەكتە. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر يەنە مەسىلىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى تەتقىق قىلىنماقتا، لېكىن ئەرش توشقىنىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ياخشى، ئاساسەن دەم ئېلىشتىن بۇرۇنقى ھالەتكە كەلدى. 10-فېۋرال ئاي پەرىسى 3-نومۇر ئۆزى تۇرۇشلۇق ئايدىكى ھەسەن-ھۈسەن قولتۇقى رايونىدا 2-قېتىملىق ئاي كېچىسى كۈنىنى ئاياغلاشتۇردى، لېكىن، ئەرش توشقىنى ئۆز ۋاقىتدا ئۇيقۇ ھالىتىدىن چىقىپ كېتەلمىدى، 12-فېۋرال چۈشتىن كېيىنلا ئەرش توشقىنى ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەت ھالىتىگە كىردى، سىگنالمۇ بار بولدى، لېكىن مەسىلە تېخىچە ھەل قىلىنمىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر