- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چاغان مەزگىلىدە يانفوندا يوللانغان قىسقا ئۇچۇر مىقدارى 40 پىرسەنت ئازايغان
كۆچمە ئالاقە تورى ئېقىم مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 80 پىرسەنت ئاشقان
2014.02.12 19:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: سانائەت ۋە ئۇچۇرچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى چاغان مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى ئارقىلىق يوللانغان قىسقا ئۇچۇر 18 مىليارد 210 مىليون پارچىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42 ئازايغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ھارپا كۈنى 11 مىليارد 40 مىليون پارچە قىسقا ئۇچۇر يوللانغان بولۇپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە يوللاش مىقدارىنىڭ 9 ھەسسىگە يەتكەن، لېكىن 2013-يىللىق چاغان ھارپىسىغا سېلىشتۇرغاندا %8.0 ئازايغان؛ كۆچمە ئالاقە تورىنىڭ ئېقىم مىقدارى 36 مىليون 746 مىڭ G گە يەتكەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكدىن %86 ئاشقان، ھەربىر ئابونتنىڭ ئوتتۇرىچە ئىشلىتىش مىقدارى 46.6 M گە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %76 ئاشقان. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر