- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىچكى موڭغۇلنىڭ دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان 700دىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام كادىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى
2014.02.10 23:23 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-فېۋرال كۆكخوتتىن بەرگەن خەۋىرى: بۇلتۇر ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا 2022 نەپەر پارتىيەلىك كادىرغا پارتىيە ئىنتىزامى-مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلدى، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %47.59 كۆپ بولدى، بۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئۈچۈن 291 مىليون يۈەن زىياننى قايتۇرۇۋالدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %257.66 يۇقىرى بولدى.
ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىشلىك نازارىتىنىڭ نازىرى لى جيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ياڭ خەنجۇڭ، جىن جاۋ، لى ماۋلۇڭ قاتارلىقلارنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى قاتتىق بىرتەرەپ قىلىپ، «يولۋاسقا زەربە بېرىش»تە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى؛ دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىك رايونلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسىدىن 679نى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىپ، 729 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى-مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىپ، «چىۋىننى ئۇرۇش»تىمۇ باسقۇچلۇق نەتىجە ياراتتى. جيا لىجۈن خەۋىرى
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر