باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ بىرىنچى نۇمۇرلۇق ھۆججىتى دېھقانلاغا نەپ يەتكۈزدى

2014.02.07 08:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىلى مەركەزنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ھۆججىتى بۇندىن كېيىنكى ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرۇش چىقاردى. ئالايلۇق، ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچى چوڭ ناھىيەلەرنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك سۇغۇرتا ھەققى تولۇقلىمىسىنى تەدرىجى ئازايتىش ياكى بىكار قىلىش، شال، بۇغداي، كۆممۇقۇناقنىڭ سورت سۇغۇرتىسىنىڭ ئومۇملىشىش كۆلىمى ۋە خىيىم-خەتەرگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۇغۇرتىسىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىش قاتارلىقلار. مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ھۆججەتكە چېتىشلىق مەزمۇن نۆۋەتتىكى ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، قاراتمىلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىماقتا.

  مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ھۆججەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش، تاماق قاچىسىنى مەھكەم تۇتۇش، ئۈچ چوڭ ئاشلىق سورتى سۇغۇرتىسىنىڭ ئومۇملىشىش كۆلىمى ۋە كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىغان بولۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مەبلەغ تەمىناتىغا، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئاشلىق مىقدارى چوڭ ناھىيەلەرنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك سۇغۇرتا ھەققى تولۇقلىمىسىنى ئازايتىش ۋە بىكار قىلىش تەدبىرى ئىنتايىن توغرا. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىغان چوڭ ناھىيەلەر مالىيەدە ئاجىز ناھىيەلەر ھېسابلانغانلىقتىن، يۈرۈشلۈك سىياسەت خاراكتىرلىك يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى مالىيە كۈچى يىتىشمەيدۇ، سۇغۇرتىغا قانچە كۆپ قاتناشتۇرۇلسا، تولۇقلىما شۇنچە كۆپ بولىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەت يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنى زور دەرىجىدە ئومۇملاشتۇرغىنى يوق ھەتتا ياردىمى ئۇزۇن بولغان ئايرىم جايلاردا ساختىلىق قىلىش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر