- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تۆمۈريولدا چاغاندىن بۇرۇنقى تۇنجى قېتىملىق يولۇچىلار يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلدى
2014.01.20 14:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق گېزىتىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ تۆمۈريول تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە: ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تەتىل قويۇپ بېرىشىگە ئەگىشىپ، ئوقۇغۇچىلار، ئىشلەمچىلەر ۋە تۇغقان يوقلايدىغانلار كۆپىيىپ، تۆمۈريولدا چاغاندىن بۇرۇنقى تۇنجى قېتىملىق يولۇچىلار يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلدى. 18-چېسلا مەملىكەت بويىچە تۆمۈريولدا توشۇلغان يولۇچى 6 مىليون 644 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 1 مىليون 435 مىڭ ئادەم قېتىم كۆپىيىپ، %27.5 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، بېيجىڭ، تەييۈەن، ۋۇخەن، شىئەن، جىنەن، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا يولۇچىلار مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 30 نەچچە پىرسەنت ئاشقان.
(لۇ يانەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر