باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەنشى ئۆلكىسى ئورگانلار، كەسپىي ئورۇنلار ئارىيەت بىلەن ئىشلىتىۋاتقانلارنى ئېنىقلاپ قايتۇرۇشنى باشلىدى

2014.01.17 13:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ سەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭىدىن ئىگىلىشىچە، سەنشى ئۆلكىسى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، كەسپىي ئورۇنلار ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان ئارىيەت بىلەن ئىشلىتىۋاتقانلارنى مەخسۇس ئېنىقلاش كېرەك؛ ئارىيەت بىلەن ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى 2014 – يىلى 1 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئەسلىي خىزمەت ئورنىغا قايتىپ ئىشلىشى، ئۆز قەرەلىدە ئەسلىي خىزمەت ئورنىغا قايتمىغانلارنى ئىشتىن قالغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، دەپ قارار چىقارغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ بۇ قېتىمقى مەخسۇس ئېنىقلاش دائىرىسى ئۆلكىلىك، شەھەرلىك ۋە ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار ئارىيەت بىلەن ئىشلىتىۋاتقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ئۆلكە دەرىجىلىك ئورۇنلار ئارىيەت بىلەن ئىشلىتىۋاتقانلارنى ئېنىقلاشنى ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى باشچىلىق قىلىپ، ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئۆلكىلىك ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسى، ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تەشكىللەپ ئورۇنلاشتۇرۈش؛ ھەر قايسى شەھەر، ناھىيەدىكى ئورگانلار، كەسپىي ئورۇنلار ئارىيەت بىلەن ئىشلىتىۋاتقانلارنى ئېنىقلاشنى جايلار ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تەشكىللەپ ئورۇنلاشتۇرۇش قارار قىلىنغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مەخسۇس ئېنىقلاپ قايتۇرۇش، تۈزەش خىزمىتىدە ئورگانلار، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىلگىرىكىدەك ھە دېسىلا خادىملارنى خالىغانچە ئارىيەت بىلەن ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىش مەقسەت قىلىنغان. سەنشى ئۆلكىسى يەنە مۇنداق دەپ بەلگىلىگەن: باسقۇچ خاراكتېرلىك ياكى رايون خاراكتېرلىك مەركىزىي خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن خادىملارنى داۋاملىق ئارىيەت بىلەن ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، خادىملارنى ئارىيەت بىلەن ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ پارتكومى (پارتگۇرۇپپىسى) كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىشى؛ خادىملارنى ئارىيەت بىلەن ئىشلىتىشنى كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتمىگەن ئورۇندىكى مەسئۇل رەھبەر ۋە بىۋاسىتە مەسئۇل رەھبەرگە پارتىيە ئىنىتىزامى، مەمۇرىي ئىنىتىزامى بويىچە چارە كۆرۈش؛ خادىملارنى ئۇزاق مۇددەت ئارىيەت بىلەن ئىشلىتىشكە بەرگەن ياكى ئىشتاتنى ئۇزاق مۇددەت بوش قالدۇرغان ئورۇنلارنىڭ ئىشتات ئومۇمىي سانىنى ئىشتات تارمىقى تەكشۈرۈپ ئازايتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر