باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 11-سانلىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىلدى

2014.01.15 16:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى يۈ جىڭشىن تۈنۈگۈن سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 11-سانلىق رەئىسلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ 2014-يىللىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ۋە كۈنتەرتىپ لايىھەسى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى تاللاش ۋە بېجىرىش چارىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 2014-يىللىق قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2013-يىللىق تاشقى ئالاقە خىزمىتى خۇلاسىسى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ 2013-يىللىق ئەزالارنىڭ كۆزدىن كۆچۈرۈش، خىزمەت تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات لايىھەسى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ 2013-يىللىق ئەلرايىنى ئەكس ئەتتۇرىدىغان ئۇچۇر خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات لايىھەسى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ 2013-يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى يازما جەھەتتىن ماقۇللاندى. يىغىندا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك لايىھەنى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۈنۈش قارار قىلىندى. يىغىندا خۇاڭ فىڭپىڭ، ياڭ گاڭ، لى زۇڭشىلارنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش، ياڭگاڭنى ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى ھەمدە 4-قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا بېكىتىش قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر