2014-يىل 13-يانۋار، ۋۇخەن تۆمۈريول ساقچى دائىرىلىرى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 2 ئاي سەرپ قىلىش ئارقىلىق، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ساختا پويىز بېلىتى ياساش دېلوسى غەلىبىلىك پاش قىلىنىپ، ئۈچ جايدىكى ساختا پويىز بېلىتى ياساش قارا ئۇۋىسى ئارقا-ئارقىدىن بىتچىت قىلىندى، 1 مىليون پارچىدىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىدە ئوخشىتىپ ياسالغان ساختا پويىز بېلىتى (مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ياساپ پۈتكۈزۈلگەن ساختا پويىز بېلىتى 282 پارچە)؛ زور مىقداردىكى دۆلەتلىك ۋە يەرلىك باج تالونلىرى؛ شۇنىڭدەك 56 دانە ساختا تامغا، پىرىنتېر، كومپىيۇتېر، قەغەز كېسىش ماشىنىسى، تۆشۈك تېشىش ماشىنىسى، تالون بېسىش ماشىنىسى قاتارلىق دېلو سادىر قىلىش قوراللىرى قولغا چۈشۈرۈلدى. سەككىز نەپەر جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلدى، ساختا بېلەت ۋە ساختا تالون ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان زور بىر تۈركۈم قوراللار قولغا چۈشۈرۈلدى.
مەنبە: خەلق تورى