باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئورگان ئىشلىرى باشقۇرۇش ئىدارىسى ھۆكۈمەت ئىشىغا كۈتۈۋېلىشنى تۈزىدى

2014.01.14 14:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەلىم-تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدە، دۆلەت ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى دۆلەت ئىچىدىكى ھۆكۈمەت ئىشىغا كۈتۈۋېلىشنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، بېيجىڭدىكى ھەر قايسى ئىش باشقارمىلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئوتتۇرىچە %70 ئازايدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ھۆكۈمەت ئىشىغا كۈتۈۋېلىش تۈرى، ئۆلچىمى، دائىرىسى، تەرتىپىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتتى، مەركەز، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشىغا كۈتۈۋېلىش راسخوتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33 ئازايدى، كۈتۈۋېلىش سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 تۆۋەنلىدى؛ دۆلەت ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشىغا كۈتۈۋېلىش راسخوتىمۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %63 ئازايدى.

  مەركەز، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق تېجەشلىك بولۇشى، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، دۆلەت ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتتىق تېجەشلىك بولۇش تۈزۈمىنىڭ ئۆلچەم سىستېمىسىنى تېرىشىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ يېڭىدىن بىنا، زال، ساراي سېلىشىنى توختىتىش ۋە ئىشخانا ئۆيلىرىنى ئېنىقلاش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»، «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ھۆكۈمەت ئىشىغا كۈتۈۋېلىشىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ تۈزدى ھەم مۈلۈك تەقسىملەش، ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىشلىتىش، ئىشخانا، ئاممىۋى ئورگانلاردا ئېنېرگىيە تېجەشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق بىر يۈرۈش تۈزۈملەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر