- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


قەمەرىيە ناملىق ئاي ماشىنىسى ئاينىڭ كېچە ۋاقتىدىكى دەم ئېلىشىنى ئاياغلاشتۇردى
2014.01.13 09:55 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئاي شارىنى تەكشۈرۈۋاتقان قەمەرىيە ناملىق ئاي ماشىنىسى 11-يانۋار ئاينىڭ كېچە ۋاقتىدىكى دەم ئېلىشىنى ئاياغلاشتۇردى. 11- يانۋار ئەتىگەندە قۇياش ئاي ماشىنىسىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيىسى باتارېيە تاختىسىغا چۈشۈشى بىلەن توك تارقىتىش ئىقتىدارى لايىھىلەنگەن قىممەتكە يېتىشىگە ئەگىشىپ، قەمەرىيە ناملىق ئاي ماشىنىسى ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەتلىنىپ، ھەر قايسى سىستېمىسىغا توك سەپلىنىپ ھەرىكەتلىنىشكە باشلىدى. 11- يانۋار سائەت بىر يېرىمدە يەر يۈزى قەمەرىيە ناملىق ئاي ماشىنىسىنىڭ سىگنالىنى قوبۇل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەمەرىيە ناملىق ئاي ماشىنىسىنىڭ ئانتېنناسى بىلەن كامېرا خادىسى كۆتۈرۈلدى.
ھازىر قەمەرىيە ناملىق ئاي ماشىنىسىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالى ياخشى، كېيىنكى باسقۇچتا يول باشلىغۇچى كامېراسى كۆزەتكۈچىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ سۈرەت تارتىدۇ. ئەتراپىنىڭ يەر شەكلىنى بىلگەندىن كېيىن، يېڭى ئېلىم پەن نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ، ئارقىدىن يەنە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. يۈرۈش جەريانىدا ئاينى تەكشۈرگۈچى رادار ئاي يۈزىنىڭ تېيىز قاتلىمى، ئايدىكى تاغ جىنسلىرىنى تەكشۈرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر