- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقانلار سانىنىڭ ئازىيىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
2014.01.10 16:38 مەنبە: خەلق تورى
ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرى، 2014-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى ئېلىندى، ئىمتىھانغا قاتناشقانلار سانىنىڭ ئازىيىشى تاراتقۇلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق خەۋەرگە ئايلاندى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 2014-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 2013-يىلىدىكىدىن 40 مىڭ ئادەم ئازىيىپ، بەش يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىگەن، شۇنداقلا يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە 2-قېتىم تۆۋەنلىگەن.
بۇلارغا قارىتا، تاراتقۇلار مۇنداق ئىككى خىل يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، 2014-يىلىدىن باشلاپ ئاسپىرانتلارنى تەربىيەلەشتە ھۆكۈمەت خىراجىتى بىكار قىلىنىپ، چىقىمنى پۈتۈنلەي ئۆزى ئۈستىگە ئېلىش يولغا قويۇلغان؛ ئىككىنچى، ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىدا ئاسپرانتلارنىڭ رىقابەت كۈچى ئاجىز، مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇچۇر مەسلىھەتى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش مەركىزى ئېلان قىلغان «مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى»دا كۆرسىتىلىشچە، 2009-يىلىدىن باشلاپ، ئاسپرانتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئۇدا 3 يىل تولۇق كۇرستىن تۆۋەن بولغان.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر