- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


12-ئايلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات بۈگۈن ئېلان قىلىندى، ئاھالە ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ %2.6 ئەتراپىغا چۈشۈشى مۆلچەرلەنمەكتە
2014.01.09 15:38 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2013-يىل 12-ئايلىق ئاھالە ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) ۋە سانائەت ئىشلەپچىقارغۇچىلار باھا كۆرسەتكۈچى (PPI) نى ئېلان قىلدى. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مۆلچەر دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 12-ئايدا ئاھالە ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتى 11-ئايدىكى %3تىن تۆۋەنلەپ %2.6 ئۆپچۆرىسىگە چۈشۈشى مۇمكىن ئىكەن، 2014-يىلى ئاھالە ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى 2013-يىلدىكىگە قارىغاندا ئاز-تولا كۆپىيىدىكەن. (ياڭ شى خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر