- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سەھىيە ـ پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى چوڭىيىپ قالغان بالىنى چۈشۈرۋېتىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى، ئايرىم مۇناسىۋەتلىك دېلولارنىڭ تەكشۈرۈپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى
2014.01.08 16:58 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ـ پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بۈگۈن چۈشتىن ئاۋۋال ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ 2013-يىللىق سەھىيە ـ پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىغا دائىر ئون چوڭ خەۋەر ھەم ئالاقىدار خىزمەت ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى. سەھىيە ـ پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تەشۋىقات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى ماۋ چۈنئەن يىغىندا چوڭىيىپ قالغان بالىنى چۈشۈرۋېتىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى، قانون تەلۋىلەرچە ئىجرا قىلىنغان ئايرىم دېلولارنىڭ تەكشۈرۈپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى، جاۋابكارنىڭ قانۇن، ئىنتىزام بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دۆلەت بەلگىلىمىسىدە چوڭىيىپ قالغان بالىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۋېتىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن، ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە، شۇ جايدىكى پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىنىڭ قانداق جازالىنىدىغانلىقى، زىيان يەتكۈزگۈچىلەرگە دۆلەت قانداق تەدبىر سىياسەت قوللىنىدىغانلىقى توغرىسىدا قويۇلغان سوئالغا ماۋ چۈنئەن تەكىتلەپ مۇنداق جاۋاپ بەردى، چوڭىيىپ قالغان بالىنى چۈشۈرۋېتىش ئېنىق چەكلەنگەن، قانۇن تەلۋىلەرچە ئىجرا قىلىنغان ئايرىم دېلولار تەكشۈرۈلۈپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. جاۋابكارغا قانۇن ـ ئىنتىزام بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر